来源:中国裁判文书网
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى
(2021) ش 32 ھ ئا 242- نومۇرلۇق
نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى ( ئەسلى سوتتىكى جاۋابكار): ئابدۇئەھەت ياسىن( ئادەتتە قوللىنىدىغان ئىسمى ئابلەت ياسىن)، ئەر، ئۇيغۇر، 1983 - يىلى 1- ئاينىڭ 11- كۈنى تۇغۇلغان، تىجارەتچى، ئادرىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەر سايباغ رايۇنى سىمۇنۇت زاۋۇت يولى 253- نومۇر 6- بىنا 2- ئىشىك 1701- نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق.
ھاۋالە قىلىنغان دەۋا ۋاكالەتچىسى ئېزىز ئىمىن، شىنجاڭ ۋولقان ئادۋۇكاتلىق ئىشلىرى ئورنىڭ ئادۇۋكاتى.
ھاۋالە قىلىنغان دەۋا ۋاكالەتچىسى : رىزۋانگۈل شىنجاڭ ۋولقان ئادۇۋكاتلىق ئىشلىرى ئورنىڭ ئادۇۋكاتى.
نارازىلىق ئەرز بېرىلگۈچى (ئەسلى سوتتىكى دەۋاگەر) : گۇما ناھىيە تۇلپار قۇرۇلۇش قوراشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، ئادىرىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى گۇما ناھىيە گۇما شىمالى يولى 76-نومۇر.
قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى: ئەركىن كىرمۇللا، شىركەت دىرىكتورى.
ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋاكالەتچىسى: ئابلىز روزىمەمەت، شىنجاڭ يىپەك شەھرى ئادۋۇكاتلىق ئىشلىرى ئورنىنىڭ ئادۋۇكاتى.
نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى ئابدۇئەھەت ياسىن بىلەن نارازىلىق ئەرز بىرىلگۈچى گۇما ناھىيە تۇلپار قۇرۇلۇش قۇراشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئوتتۇرسىدىكى ئىجارە توختام ماجىراسى دىلوسىدا ، گۇما ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسنىڭ (2021) ش 3223 ھ د 280-نومۇرلۇق ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسىگە قايىل بولماي مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرز بەرگەن، مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن قانۇن بويىچە كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ، دىلونى 2021-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى ئوچۇق سوت ئاچتى . نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى ئابدۇئەھەت ياسىن ۋە ئۇنىڭ ھاۋالە قىلىنغان دەۋا ۋاكالەتچىسى ئېزىز ئىمىن، رىزۋانگۈل ئابدۇغىنى نارازىلىق ئەرز بىرىلگۈچى خوتەن تۇلپار قۇرۇلۇش قۇراشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شېركىتىنىڭ ھاۋالە قىلىنغان دەۋا ۋاكالەتچىسى ئابلىكىم مەمەت، ھاۋالە قىلىنغان دەۋا ۋاكالەتچىسى ئابلىز روزىمەمەت سوتقا كېلىپ دەۋاغا قاتناشتى، بۇ دىلو ھازىر سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلدى.
نارازىلىق ئابلەت ياسىن مەھكىمىمىزگە « گۇما ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسنىڭ (2021) ش 3223 ھ د 280-نومۇرلۇق ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسىنى كۈچتىن قالدۇرۇپ بەرسە دەپ نارازىلىق ئەرز سۇنغان . پاكىت ۋە ئاساسلار : ئەسلى سوت مەھكىمىسنىڭ پاكىت بىكىتىشى توغرا ئەمەس، ئەسلى سوتتا نارازىلىق ئەرز بىرىلگۈچىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مەن ئىجارە ئالغان يەرنىڭ قېشىدىكى يولىنى 2050.00 يۈەن چىقىم قىلىپ قاتتىقلاشتۇرغان ، نارازىلىق ئەرز بىرىلگۈچىنىڭ قۇدۇق كولىشى ئۈچۈن شىركەت تۆلەشكە تىگىشلىك پۇلدىن 50000.00 يۈەننى مەن تۆلەپ تۇرغان، بۇ ئىككى تۈرلۇك پۇلنى نارازىلىق ئەرز بىرىلگۈچىنىڭ بىزگە قايتۇرۇشقا تىگىشلىك ئىكەنلىكىنى ھەمدە 2017-يىلى نارازىلىق ئەرز بېرىلگۈچىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بىر يىللىق ئىجارىسى 50000.00 يۈەننى نارازىلىق ئەرز بىرىلگۈچى كۆتۈرۋىتىش شەرتى بىلەن 100 مو مىۋىلىك چىلاننىڭ سورتىنى ئۆزگەتكەن ، بۇ پاكىتلار ئەسلى سوت باسقۇچىدا ئىنىقلانغان بولسىمۇ ئەمما ئەسلى سوت بۇ پاكىتنى بىكىتمەسلىكى توغرا بولمىدى، ئەسلى سوتنىڭ توختام ئاخىرلاشقان دەپ بىكىتىشى توغرا بولمىدى، بىزنىڭ توختام نارازىلىق ئەرز بېرىلگۈچى گۇما ناھىيە تۇلپار قۇرۇلۇش قۇراشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن تۈزۈلگەن، يەرنى گۇما ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە يىغىۋىلىنغان ، شىركەت بىزگە ھېچقانداق يېزىقچە ئۇقتۇرۇش قىلمىدى، ۋە يەرنى يىغىۋىلىنغاندىن كىيىنكى مەسىلىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغۇرلۇق ھېچقانداق ئورۇنلاشتۇرۇش قىلمىدى، شۇڭا بۇ توختامنى ئاخىرلاشتى دەپ بىكىتىش توغرا ئەمەس . ئەسلى سوت دەلىل ئىسپاتلارنىڭ كۈچىنى بىكىتىشى توغرا بولمىدى، سوتتا گۇۋاھچى مىجىت تۇنىياز گۇۋاھلىق بەرگەن بولسىمۇ ، ئەسلى سوت بۇ گۇۋاھلىقنى بىكىتمەسلىكى توغرا ئەمەس ، چۈنكى گۇۋاھچى مىجىت تۇنىياز نارازىلىق ئەرز بىرىلگۈچى ئىجارىگە بەرگەن بارلىق يەرلەرگە مەسئۇل خادىمى بولۇپ، مىجىت تۇرسۇننىيازنىڭ ھەركىتى شىركەتكە ۋاكالىتەن ئېلىپ بارغان بولۇپ ، ئۇنىڭ ھەركىتى بىزگە نىسپەتەن چەكلەش كۈچىگە ئىگە ، مىجىت تۇنىياز بارلىق يەرلەرنىڭ ئىجارە ھەققىنى تاپشۇرۋىلىپ ئىمزا قويغان ، ئەسلى سوت مەھكىمىسىنىڭ مىجىت تۇنىياز يېزىپ بەرگەن ھۆججەتلىرىدىن نارازىلىق ئەرز بېرىلگۈچىگە پايدىلىق ھۆججەتلەرنى بېكىتىپ ، پايدىسىز ھۆججەتلەرنى بىكىتمەسلىكى توغرا بولمىدى. بىزنىڭ نارازىلىق ئەرز بىرىلگۈچىگە تۆلەشكە تېگىشلىك ئىجارە ھەققى كام قالغان ئىش يوق، توختام ۋاقتى توشۇشتىن بۇرۇن ئىجارە يەرلەر قايتۇرۋىلىنغان سەۋەپلىك ئىقتىسادى زىيان كېلىپ چىققان ، ئەسلى سوت مەھكىمىسى ئوبىكتىپ پاكىتنى ئاساس قىلماي ھۆكۈم چىقىرشى توغرا بولمىدى ، شۇڭا ئەسلى سوت ھۆكۈمىنى كۈچتىن قالدۇرۇپ ئۆزگەرتىپ ھۆكۈم قىلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىمەن» دەپ نارازىلىق ئەرز بەرگەن.
نارازىلىق ئەرز بېرىلگۈچى گۇما ناھىيە تۇلپار قۇرۇلۇش قۇراشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئەسلى سوت ھۆكۈمىگە قايىل بولغان . ھەمدە نارازىلىق ئەرزگە قارىتا « ئەسلى سوتنىڭ پاكىتنى بىكىتىشى ئېنىق، بىر تەرەپ قىلىشى مۇۋاپىق بولغان، شۇڭا نارازىلىق ئەرزنى رەت قىلىپ ئەسلى سوت ھۆكۈمىنى كۈچكە ئىگە قىلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىمىز» دەپ جاۋاپ بەردى .
بىرىنچى سوت قىلغان سوت مەھكىمىسى مۇنداق پاكىت بېكىتكەن: جاۋابكار ئابدۇئەھەت ياسىن دەۋاگەر گۇما ناھىيە تۇلپار قۇرۇلۇش قۇراشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تارمىقىدىكى يېزا ئىگىلىك ئورمانچىلىق مىۋىچىلىك تەرەققىيات تارماق شىركىتى بىلەن يەر ئىجارە توختامى تۈزۈپ، بۇ تارماق شىركەتنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى 501 مو يەرنى 2005- يىلى 8-ئايدىن 2010-يىلى 6-ئايغىىچە ئايرىم-ئايرىم يىزىقچە ئىجارە توختامى ئارقىلىق، يەرلەرنى ئوخشاشمىغان مۇددەتتە ۋە ئوخشاشمىغان باھادا ئىجارىگە ئالغان بولۇپ، جاۋابكار ئابدۇئەھەت ياسىن مەزكۇر 501 مو يەردىن 2005- يىلىدىن 2018- يىلى 2-ئايغىچە پايدىلانغان . جاۋابكار ئابدۇئەھەت ياسىن 501 مو يەرنىڭ ئالدىنقى يىللاردىكى يەر ئىجارە پۇلىنى تولۇق تۆلەپ ماڭغان بولسىمۇ، لىكىن 2017- يىللىق يەر ئىجارە پۇلىدىن 200000.00 يۇەننى تۆلىگەن، قىلىپ قالغان يەر ئىجارە پۇلى 63750.00 يۈەننى ھازىرغىچە تۆلىمىگەنلىكى، گۇما ناھىيە تۇلپار قۇرۇلۇش قۇراشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يېزا ئىگىلىك ئورمانچىلىق مىۋىچىلىك تەرەققىيات تارماق شىركىتى گۇما ناھىيە تۇلپار قۇرۇلۇش قۇراشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تارماق شىركىتى بولۇپ، 2018-يىلى 2-ئايدا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، تارماق شىركەتنىڭ باشقۇرۇشىدىكى يەرلەرنى قايتۇرىۋىلىپ دىھقانلارغا تەقسىم قىلىپ بەرگەندىن كىيىن، تارماق شىركەتنىڭ بارلىق ھېساۋات ئىشلىرىنى دەۋاگەر گۇما ناھىيە تۇلپار قۇرۇلۇش قۇراشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۆتكۈزىۋالغان، جاۋابكار ئابدۇئەھەت ياسىن مەزكۇر شىركەتتىن ئىجارىگە ئالغان يەرلەرنىڭ بەزى توختامدىكى يەرنىڭ ئىجارە مۇددىتى توشمىغان بولسىمۇ، شىركەتنىڭ يەرلىرى قايتۇرىۋىلىنغاندىن كىيىن جاۋابكار ئابدۇئەھەت ياسىن بىلەن شىركەت ئوتتۇرىسىدىكى يەر ئىجارە توختامى تەبى ھالدا ئاخىرلاشقان دەپ پاكىت بىكتىپ جاۋابكار ئابدۇئەھەت ياسىن 2017-يىللىق يەر ئىجارە پۇلىدىن قىلىپ قالغان 63750.00 يۈەننى ئۈستىگە ئىلىپ، مەزكۇر ھۆكۈمنامە قانۇنى كۈچكە ئىگە بولغان ھامان دەۋاگەر گۇما ناھىيە تۇلپار قۇرۇلۇش قۇراشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تۆلەپ قايتۇرسۇن. دەپ ھۆكۈم قىلغان.
نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى ئابلەھەت ياسىن بىلەن نارازىلىق ئەرز بىرىلگۈچى تۇلپار قۇرۇلۇش قۇراشتۇرۇش شىركىتىگە 63750 يۈەننى تۆلەشكە تىگىشلىكمۇ يوق دىگەن مەسىلىنى چۆرىدەپ دەلىل ئىسپات كۆرسىتىلىپ سوتتا تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلدى .
نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى ئابدۇئەھەت ياسىن ئىككىنچى سوتقا يىڭى دەلىل ئىسپات تاپشۇرمىدى.نارازىلىق ئەرز بىرىلگۈچى گۇما ناھىيە تۇلپار قۇرۇلۇش قۇراشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىككىنچى سوتقا گۇما ناھىيە تۇلپار شىركىتى بىلەن خوتەن ناھىيە بۇزاق يېزا خاشى كەنتىدىن جىلىل ئاسىم بىلەن تۈزىگەن قۇدۇق قېزىش رىمىنۇت قىلىش توختامنامىسىنى سوتقا تاپشۇردى ، بۇ توختامنىڭ ئىسپاتلاش نوقتىسى بولسا نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى ئابدۇئەھەت ياسىننىڭ نارازىلىق ئەرزدە ئوتتۇرغا قويغان قۇدۇقنىڭ شىركەتنىڭ قازدۇرغانلىقىنى، 50مىڭ يۈەن پۇلنى نارازىلىق ئەرز بەرگۈچىنىڭ ئۈستىگە ئېلىشنى كىلىشكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى ئابدۇئەھەت ياسىن بۇ توختامنى ئىتىراپ قىلىدىغانلىقىنى، بۇ توختامنى ئۆزىنىڭ ئاكىسى ئالىمنىڭ ئۆزىگە ۋاكالىتەن تۈزىگەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ، ۋە ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتقا قارىتا تەرەپلەر باشقىچە پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويمىغانلىقى ئۈچۈن مەھكىمىمىز دىلو پاكىتىنى بىكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولىدۇ.
يۇقىرىقى دەلىل ئىسپاتقا قارىتا مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: سوتتا گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈلگەن نارازىلىق ئەرز بىرىلگۈچى گۇما ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بوغالتىرى مەمەتئابدۇللا ئوسماننىڭ سوتتىكى گۇۋاھلىقىدا « مەن گۇما ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشغا ئاساسەن گۇما ناھىيە تۇلپار شىركىتىنىڭ مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ بىرەتتىم، مەن مىجىت تۇنىيازنى تونۇيمەن، دەم ئېلىشقا چىقىشتىن بۇرۇن تۇلپار شېركىتىدە ئىشلەيدۇ، ئۇنىڭ قولىدا شىركەتنىڭ تامغۇسى يوق ، ئۇ باش شىركەت باشلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ئىش ئورۇنلاشتۇراتتى، قۇدۇق كولىغانغا ئىشلەتكەن 50000.00 يۈەن پۇل شىركەتنىڭ مالىيەسىگە كىرىم قىلىنمىغان، مەن نارازىلىق ئەرز بەرگۈچىنىڭ 50000.00 يۇەننى كۆرۈپ باقمىدىم، قۇدۇق شىركەتنىڭ ئىگىدارلىقىدا، شىركەت پايدىلىنىدۇ، قۇدۇق كولىغان پۇلدىن 50000.00 يۈەننى ئالىم دىگەن ئادەم چىقارغان ، شىركەتنىڭ بۇ توغۇرسىدا توختامى بار» دەپ گۇۋاھىلىق بەردى .
نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقىغا قارىتا گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقىنىڭ قىسمەن جايلاردىن باشقا قالغان قىسمىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇردى .
گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقىغا قارىتا قۇدۇق قېزىش توختىمىنى نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى ئېتراپ قىلغانلىقى ئۈچۈن مەھكىمىمىز يۇقارقى توختامنى بىكىتىدۇ، باشقا گۇۋاھلىقىغا قارىتا دەلىل ئىسپات يېتەرلىك ئەمەس شۇڭا بىكىتمەيدۇ
مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە : نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى ئابدۇئەھەت ياسىن نارزىلىق ئەرز بىرىلگۈچى گۇما ناھىيە تۇلپار قۇرۇلۇش قۇراشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تارمىقىدىكى يېزا ئىگىلىك ئورمانچىلىق مىۋىچىلىك تەرەققىيات تارماق شىركىتى بىلەن يەر ئىجارە توختامى تۈزۈپ، بۇ تارماق شىركەتنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى 501 مو يەرنى 2005- يىلى 8-ئايدىن 2010-يىلى 6-ئايغىچە ئايرىم-ئايرىم يىزىقچە ئىجارە توختامى ئارقىلىق، يەرلەرنى ئوخشاشمىغان مۇددەتتە ۋە ئوخشاشمىغان باھادا ئىجارىگە ئالغان بولۇپ، نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى ئابدۇئەھەت ياسىن مەزكۇر 501 مو يەردىن 2005- يىلىدىن 2018- يىلى 2-ئايغىچە پايدىلانغان . نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى ئابدۇئەھەت ياسىن 501 مو يەرنىڭ ئالدىنقى يىللاردىكى يەر ئىجارە پۇلىنى تولۇق تۆلەپ ماڭغان بولسىمۇ، لىكىن 2017- يىللىق يەر ئىجارە پۇلىدىن 200000.00 يۇەننى تۆلىگەن، قىلىپ قالغان يەر ئىجارە پۇلى 63750.00 يۈەننى ھازىرغىچە تۆلىمىگەنلىكى، نارازىلىق ئەرز بىرىلگۈچى گۇما ناھىيە تۇلپار قۇرۇلۇش قۇراشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يېزا ئىگىلىك ئورمانچىلىق مىۋىچىلىك تەرەققىيات تارماق شىركىتى نارازىلىق ئەرز بېرىلگۈچى گۇما ناھىيە تۇلپار قۇرۇلۇش قۇراشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تارماق شىركىتى بولۇپ، 2018-يىلى 2-ئايدا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، تارماق شىركەتنىڭ باشقۇرۇشىدىكى يەرلەرنى قايتۇرىۋىلىپ دىھقانلارغا تەقسىم قىلىپ بەرگەندىن كىيىن، تارماق شىركەتنىڭ بارلىق ھېساۋات ئىشلىرىنى نارازىلىق ئەرز بېرىلگۈچى گۇما ناھىيە تۇلپار قۇرۇلۇش قۇراشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۆتكۈزىۋالغان، نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى ئابدۇئەھەت ياسىن نارازىلىق ئەرز بېرىلگۈچى گۇما ناھىيە تۇلپار قۇرۇلۇش قۇراشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىجارىگە ئالغان يەرلەرنىڭ بەزى توختامدىكى يەرنىڭ ئىجارە مۇددىتى توشمىغان بولسىمۇ، شىركەتنىڭ يەرلىرى قايتۇرىۋىلىنغان .
مەھكمىمىز مۇنداق قارايدۇ: ئىككىنچى سوتتا تەكشۈرۈلگەن دەلىل ئىسپاتلاردىن قارىغان نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى بىلەن نارازىلىق ئەرز بىرىلگۈچى ئوتتۇرسىدا يەر ئىجارە توختامى تۈزۈلگەن بولۇپ كىيىن گۇما ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلەرنى دىھقانلارغا قايتۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرشى بويىچە شىركەت دىھقانلاردىن ئىجارە ئالغان ھۆددە يەرلىرىنى دىھقانلارغا قايتۇرغان، ئەمما نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى ئابدۇئەھەت ياسىنغا يەر ئىجارە توختامنى بىكار قىلغانلىقى ياكى توختامنى داۋاملىق ئادا قىلىدىغانلىقى توغۇرلۇق ھېچقانداق يېزىقچە ياكى ئىغىزچە ئۇقتۇرۇش قىلمىغان . دىمەك، نارازىلىق ئەرز بىرىلگۈچى تۇلپار شىركىتى نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى بىلەن توختام مۇناسىۋىتى ئاياقلاشسا چوقۇم نارازىلىق ئەرز بەرگۈچىگە ئۇقتۇرۇش قىلىشى كىرەك، چۈنكى نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى ئىجارە توختامنى گۇما ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن ئەمەس ، بەلكى نارازىلىق ئەرز بىرىلگۈچى تۇلپار قۇرۇلۇش قۇراشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن تۈزىگەن، شىركەت تەرەپ ھازىرغىچە نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى ئابدۇئەھەت ياسىنغا توختامنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى توغۇرلۇق ھېچقانداق ئۇقتۇرۇش قىلمىغان، نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى ئابدۇئەھەت ياسىن بىلەن نارازىلىق ئەرز بېرىلگۈچى تۇلپار قۇرۇلۇش قۇراشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئوتتۇرسىدىكى توختامنى داۋاملىق ئىجىرا قىلىش ياكى قىلماسلىقنى ۋە كېلىپ چىققان ھەقدارلىق ۋە قەرزدارلىقنى قانداق ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىشنى تۇلپار قۇرۇلۇش قۇراشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئەستايىدىل بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، ئەسلى سوت مەھكىمىسنىڭ دىلونىڭ پاكىتىنى بىكىتكەندە « توختام تەبىئىي ئاخىرلاشقان» دەپ بىكىتىشى توغرا بولمىغان شۇڭا ئەسلى سوت ھۆكۈمىدىكى بۇ قىسمنى تۈزىتىش كېرەك.
نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى ئابدۇئەھەت ياسىن نارازىلىق ئەرز بىرىلگۈچى تۇلپار قۇرۇلۇش قۇراشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بويىچە قۇدۇق قازغان پۇلدىن 50000.00 يۈەننى تۆلىگەن ھەمدە بۇ50000.00 يۈەننى ئىجارە ھەققىدىن چىقىرىۋىتىش كىرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ ، نارازىلىق ئەرز بىرىلگۈچى تۇلپار شىركىتى بىلەن نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى ئابدۇئەھەت ياسىننىڭ بۇ 50000.00 يۈەننى پۇلنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغۇرسىدا سوتنى يېتەرلىك دەلىل ئىسپات بىلەن تەمىنلەپ بېرەلمىدى، زادى ئىجارە ھەققىگە ھېساپلاپ بېرىدىغان بولغانمۇ ياكى باشقىچە ئۇسۇلدا بىرتەرەپ قىلىدىغان بولغانمۇ بۇ نۇقتا ئېنىق ئەمەس.
ئۇنىڭدىن باشقا، نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى ئابدۇئەھەت ياسىن شىركەتتىن تەلەپ قىلىدىغان ھەقدارلىقى بولسمۇ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى » نىڭ 51-ماددىسىغا ئاساسەن ئەسلى سوتتا قارشى دەۋا قىلمىغان، ئەسلى سوتتا نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى ئابدۇئەھەت ياسىن جاۋاپكار سالايىتىدە دەۋاغا قاتناشقان بولۇپ ھەقدارلىقنى تەلەپ قىلىش ھوقوقى بولمايدۇ، نارازىلىق ئەرز بەرگۈچىنىڭ ھەقدارلىقىنى بۇ دىلودا بىر تەرەپ قىلىشقا بولمايدۇ، شۇڭا نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى ئۆزىنىڭ ھەقدارلىقىنى ئايرىم بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
ئومۇملاشتۇرغاندا ئەسلى سوت مەھكىمىسنىڭ قىسمەن پاكىتلارنى بىكىتىشى توغرا بولمىغان بولسىمۇ ئەمما بىر تەرەپ قىلىشى مۇۋاپىق بولغان، نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى ئابدۇئەھەت ياسىننىڭ نارازىلىقنىڭ پاكىت ۋە ئاساسى يوق، رەت قىلىش كىرەك .
شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» نىڭ 170-ماددا 1-تارمىقىنىڭ بەلگۈلىمىسى، « ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى » ئەدىلىيەلىك ئىزاھاتىڭ 334-ماددىسىدىكى بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى:
نارازىلىق ئەرز رەت قىلىنىپ ، ئەسلى سوت ھۆكۈمى كۈچكە ئىگە قىلىنسۇن .
ئىككىنچى سوت دىلو قۇبۇل قىلىش ھەققى 1393.74 يۈەننى نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى ئابدۇئەھەت ياسىن ئۈستىگە ئالىدۇ .
بۇ ھۆكۈم ئاخىرقى سوت ھۆكۈمى بولىدۇ .
باش سوتچى رەيھانگۈل تۇرغۇن
سوتچى يۈسۈپجان ئېلھام
سوتچى ئابدۇقادىر توختى
2021-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى
پۈتۈكچى ئەزىمەت دىلمۇرات